Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 38

زەبۇر 38:3-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر.
4چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى.
5ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى.
6ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن!
7چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر.
8مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب‫‪‎-‎‬‬قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن.
9رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛
10يۈرىكىم جىغىلداپ، ھالىمدىن كەتتىم؛ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى.
11يار‫‪‎-‎‬‬بۇرادەرلىرىممۇ مېنى ئۇرغان ۋابا تۈپەيلىدىن، ئۆزلىرىنى مەندىن تارتتى؛ يېقىنلىرىممۇ مەندىن يىراق قاچتى.
12جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار تۇزاق قۇرىدۇ؛ ماڭا زىياننى قەستلىگەنلەر زەھىرىنى چاچماقتا؛ ئۇلار كۈن بويى ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلەرنى ئويلىماقتا.
13لېكىن مەن گاس ئادەمدەك ئاڭلىمايمەن، گاچا ئادەمدەك ئاغزىمنى ئاچمايمەن؛
14بەرھەق، مەن ئاڭلىيالمايدىغان گاسلاردەك بولۇپ قالدىم؛ ئاغزىمدا قىلىدىغان رەددىيە‫‪‎-‎‬‬تەنبىھ يوق.
15چۈنكى ئۈمىدىمنى سەن پەرۋەردىگارغا باغلىدىم؛ رەب خۇدايىم، سەن ئىلتىجايىمغا ئىجابەت قىلىسەن.
16چۈنكى مەن‫‪:‬‬ ــ «ئۇلار مېنىڭ ئۈستۈمگە چىقىپ ماختانمىغاي؛ بولمىسا، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتكەندە، ئۇلار شادلىنىدۇ» ــ دېدىم مەن.

Read زەبۇر 38زەبۇر 38
Compare زەبۇر 38:3-16زەبۇر 38:3-16