Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 38

زەبۇر 38:1-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ (ئەسلىمە ئۈچۈن) ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭدە تەنبىھ بەرمىگەيسەن، قەھرىڭدە مېنى جازالىمىغايسەن!
2چۈنكى ئوقلىرىڭ مېنى زەخىملەندۈرۈپ سانجىدى، قولۇڭ ئۈستۈمدىن قاتتىق باستى.
3قاتتىق غەزىپىڭ تۈپەيلىدىن ئەتلىرىمدە ھېچ ساقلىق يوق، گۇناھىم تۈپەيلىدىن ئۇستىخانلىرىمدا ئارام يوقتۇر.
4چۈنكى گۇناھلىرىم بويۇمدىن تاشتى؛ ئۇلار كۆتۈرەلمىگۈسىز ئېغىر يۈكتەك مېنى بېسىۋالدى.
5ئەخمەقلىقىمدىن جاراھەتلىرىم سېسىپ، شەلۋەرەپ كەتتى.
6ئازابتىن بەللىرىم تولىمۇ پۈكۈلۈپ كەتتى، كۈن بويى غەمگە پېتىپ يۈرىمەن!
7چاتىراقلىرىم ئوتقا تولدى، ئەتلىرىمنىڭ ساق يېرى يوقتۇر.
8مەن تولىمۇ ھالسىراپ، ئېزىلىپ كەتتىم؛ قەلبىمدىكى ئازاب‫‪‎-‎‬‬قايغۇ تۈپەيلىدىن ھۆركىرەيمەن.
9رەب، بارلىق ئارزۇيۇم كۆز ئالدىڭدىدۇر؛ ئۇھ تارتىشلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس؛

Read زەبۇر 38زەبۇر 38
Compare زەبۇر 38:1-9زەبۇر 38:1-9