Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 37

زەبۇر 37:12-27

Help us?
Click on verse(s) to share them!
12|ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛
13لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.
14|ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.
15لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
16|ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.
17چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛
18|י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.
19ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.
20|כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل‫‪‎-‎‬‬گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.
21|ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛
22چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
23|מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
24ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.
25|נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛
26ئۇ كۈن بويى مەرد‫‪‎-‎‬‬مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.
27|ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر!

Read زەبۇر 37زەبۇر 37
Compare زەبۇر 37:12-27زەبۇر 37:12-27