Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 35

زەبۇر 35:9-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئۇ چاغدا جېنىم پەرۋەردىگاردىن سۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭ نىجاتلىق‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇشىدىن شادلىنىدۇ!
10مېنىڭ ھەممە ئۇستىخانلىرىم‫‪:‬‬ ــ «ئى پەرۋەردىگار، كىممۇ ساڭا تەڭداش كېلەلىسۇن؟» ــ دەيدۇ، ــ «سەن ئېزىلگەن مۆمىنلەرنى كۈچلۈكلەرنىڭ چاڭگىلىدىن، ئېزىلگەنلەر ھەم يوقسۇللارنى ئۇلارنى بۇلىغۇچىلاردىن تارتىۋېلىپ قۇتقۇزىسەن».
11ياۋۇز، يالغان گۇۋاھچىلار قوپۇپ، خەۋىرىم بولمىغان گۇناھلار بىلەن ئۈستۈمدىن شىكايەت قىلماقتا.
12ئۇلار مېنىڭ ياخشىلىقىمغا يامانلىق قىلىپ، مېنى پاناھسىز يېتىم قىلىپ قويغانىدى!
13لېكىن مەن بولسام، ئۇلار كېسەل بولغاندا، بۆزنى يۆگەپ كىيىۋالدىم؛ ئۇلارنى دەپ روزا تۇتۇپ، ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلدىم؛ ئەمدى دۇئايىم بولسا ھازىر باغرىمغا يېنىپ كەلدى!
14مەن بۇ ئىشلاردىن دوست ياكى قېرىندىشىمنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىشقا ئوخشاش مەيۈسلىنىپ يۈردۇم، مەن ئۆز ئانىسىغا ھازا تۇتقاندەك، بېشىمنى سېلىپ يۈردۈم.
15بىراق مەن پۇتلىشىپ كەتكىنىمدە، ئۇلار خۇشال بولۇشۇپ كەتكەنىدى، بىر يەرگە جەم بولدى؛ دەرۋەقە جەم بولۇشۇپ مۇشۇ زوراۋانلار ماڭا قارشى چىقىشتى، بىراق خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۇلار مېنى پارە‫‪‎-‎‬‬پارە قىلىش ئۈچۈن توختىماي زەربە بېرىشتى.
16خۇددى بىر چىشلەم پوشكال ئۈستىدە چاقچاق ۋە تالاش قىلغان خۇداسىزلاردەك، ئۇلار ماڭا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىشتى.
17ئى رەب، قاچانغىچە پەرۋا قىلمايسەن؟ جېنىمنى ئۇلارنىڭ ھالاكىتىدىن قۇتقۇزغايسەن، مېنىڭ بىردىنبىر ھاياتىمنى مۇشۇ يىرتقۇچ شىرلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىۋالغايسەن!
18زور جامائەت ئارىسىدا مەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ نۇرغۇنلىغان خەلق ئارىسىدا سېنى مەدھىيىلەيمەن.
19يالغان سەۋەب بىلەن ماڭا رەقىب بولغانلارنى ئۈستۈمدىن شادلاندۇرمىغايسەن؛ مەندىن سەۋەبسىز نەپرەتلەنگەنلەرنى ئۆزئارا كۆز قىسىشتۇرمىغايسەن!
20ئۇلار دوستانە سۆز قىلمايدۇ، زېمىندىكى تىنچلىقپەرۋەرلەرگە پىتنە‫‪‎-‎‬‬ئىغۋا توقۇماقتا.
21ئۇلار ماڭا قاراپ ئېغىزىنى يوغان ئېچىپ‫‪:‬‬ «ۋاي‫‪‎-‎‬‬ۋاي! كۈتكۈنىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋالدۇق!» ــ دېيىشىدۇ.

Read زەبۇر 35زەبۇر 35
Compare زەبۇر 35:9-21زەبۇر 35:9-21