Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 31

زەبۇر 31:7-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
7ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ شادلىنىمەن؛ چۈنكى مېنىڭ خارلىقىمنى كۆردۈڭسەن؛ جېنىمنىڭ ئازاپ‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلىرىدىن خەۋەر تاپتىڭ.
8مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىغا چۈشۈرمىدىڭ، بەلكى پۇتلىرىمنى كەڭرى جايغا تۇرغۇزدۇڭ.
9ئى پەرۋەردىگار، ماڭا رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسەتكەيسەن، چۈنكى بېشىمغا كۈلپەت چۈشتى؛ دەرد‫‪‎-‎‬‬ئەلەمدىن كۆزۈم تۈگۈشەي دەپ قالدى، جېنىم، ۋۇجۇدۇممۇ شۇنداق.
10ھاياتىم قايغۇ‫‪‎-‎‬‬ھەسرەت بىلەن، يىللىرىم غەم‫‪‎-‎‬‬غۇسسە بىلەن ئۇپراۋاتىدۇ. گۇناھىم تۈپەيلىدىن ماغدۇرۇم كېتەي دەپ قالدى، ئۇستىخانلىرىم سىزىپ كەتتى.
11مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئىزا‫‪‎-‎‬‬ئاھانىتىگە قالدىم، يېقىنلىرىم ئالدىدا تېخىمۇ شۇنداق؛ تونۇشلىرىمغىمۇ بىر ۋەھىمە بولدۇم؛ كوچىدا مېنى كۆرگەنلەرمۇ مەندىن داجىپ قاچىدۇ.
12ھەممەيلەن مېنى ئۆلگەن ئادەمدەك، كۆڭلىدىن چىقىرىپ تاشلاشتى؛ پۇچۇق چىنىدەك بولۇپ قالدىم.
13چۈنكى نۇرغۇنلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى ئاڭلىدىم، ۋەھىمە تەرەپ‫‪‎-‎‬‬تەرەپلەردە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا مەسلىھەتلىشىۋاتىدۇ، جېنىمنى ئېلىشقا قەست قىلىشىۋاتىدۇ.
14بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم.
15مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن.
16قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن.

Read زەبۇر 31زەبۇر 31
Compare زەبۇر 31:7-16زەبۇر 31:7-16