21پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى!
22چۈنكى مەن دەككە-دۈككىدە ھودۇقۇپ: ــ سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ.