Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 31

زەبۇر 31:14-24

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14بىراق مەن ساڭا تايىنىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سەن مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دېدىم.
15مېنىڭ كۈنلىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر؛ مېنى دۈشمەنلىرىمنىڭ قولىدىن ھەم ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغايسەن.
16قۇلۇڭغا دىدارىڭنىڭ جىلۋىسىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن ماڭا نىجاتلىق ئاتا قىلغايسەن.
17ئى پەرۋەردىگار، مېنى يەرگە قارىتىپ قويمىغايسەن؛ چۈنكى مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم؛ رەزىللەر يەرگە قاراپ قالسۇن؛ ئۇلارنىڭ تەھتىسارادا زۇۋانى تۇتۇلسۇن؛
18يالغان لەۋلەر زۇۋاندىن قالسۇن! ئۇلار ھەققانىيلارنى خالىغانچە مازاق قىلىپ تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆزلىمەكتە!
19ئۆزۈڭنى باشپاناھ قىلغانلار ئۈچۈن ئىنسان بالىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆرسەتكەن ئىلتىپاتلىرىڭ، يەنى ئۆزۈڭدىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن، ساقلىغان ئىلتىپات‫‪‎-‎‬‬نېمەتلىرىڭ نەقەدەر مولدۇر!
20سەن ئۇلارنى ئىنسانلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ئۆز ھۇزۇرۇڭدىكى يوشۇرۇن دالدا جايغا ئالىسەن؛ سەن ئۇلارنى تىل‫‪‎-‎‬‬ئاھانەتلەردىن سايىۋىنىڭدە يوشۇرۇپ قويىسەن.
21پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيىلەر يوللانسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىنى زۇلمەتلىك بىر شەھەردە ئاجايىب نىمايەن قىلدى!
22چۈنكى مەن دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىدە ھودۇقۇپ‫‪:‬‬ ــ سېنى، مېنى كۆزىدىن چىقىرىپ قويدىمىكىن، دەپ قورققانىدىم؛ ھالبۇكى، مەن نالە كۆتۈرۈپ يېلىنغىنىمدا، پەريادىمغا قۇلاق سالدىڭ.
23پەرۋەردىگارنى سۆيۈڭلار، ئى ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى! پەرۋەردىگار ئۆزىگە سادىقلارنى قوغدايدۇ، ھەم تەكەببۇرلۇق بىلەن ئىش قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆز بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ!
24ئى پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر، جىگەرلىك بول، قەلبىڭ مەردانە قىلىنسۇن!

Read زەبۇر 31زەبۇر 31
Compare زەبۇر 31:14-24زەبۇر 31:14-24