3پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ؛ شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان تەڭرى گۈلدۈرمامىلارنى ياڭرىتىدۇ؛ پەرۋەردىگار بۈيۈك دېڭىزلار ئۈستىدە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
4پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كۈچلۈكتۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى ھەيۋەتكە تولغاندۇر؛
5پەرۋەردىگارنىڭ ساداسى كېدىر دەرەخلىرىنى سۇندۇرىۋېتىدۇ؛ بەرھەق، پەرۋەردىگار لىۋاندىكى كېدىرلارنى سۇندۇرىۋېتىدۇ.