7ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛ بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.
8ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى، شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛
9جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن، ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛
10ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر، ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى.