7مېنىڭ ياشلىقىمدىكى گۇناھلىرىمنى، شۇنداقلا ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرمىگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ، مېھرىبانلىقىڭ بىلەن، مېنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
8پەرۋەردىگار مېھرىبان ۋە دۇرۇستۇر؛ شۇڭا ئۇ گۇناھكارلارنى دۇرۇس يولغا سالىدۇ.
9مۆمىنلەرنى ياخشى-ياماننى پەرق ئېتىشكە ئۇ يېتەكلەيدۇ؛ مۆمىنلەرگە ئۆز يولىنى ئۆگىتىدۇ.
10ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم-گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر.
11ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن.