Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 25

زەبۇر 25:10-21

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ئۇنىڭ ئەھدىسى ۋە ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىرىنى تۇتقانلارنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەتتۇر.
11ئۆز نامىڭ ئۈچۈن، ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكىم ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، سەن ئۇنى كەچۈرىۋەتكەنسەن.
12كىمكى پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، خۇدا ئۆزى تاللىغان يولدا ئۇنىڭغا ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ؛
13ئۇنىڭ جېنى ئازادە‫‪‎-‎‬‬ياخشىلىقتا ياشايدۇ، ئۇنىڭ نەسلى يەر يۈزىگە مىراس بولىدۇ.
14پەرۋەردىگار ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلار بىلەن سىرداشتۇر؛ ئۇ ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
15مېنىڭ كۆزلىرىم ھەمىشە پەرۋەردىگارغا تىكىلىپ قارايدۇ؛ چۈنكى ئۇ پۇتلىرىمنى توردىن چىقىرىۋېتىدۇ.
16ماڭا قاراپ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت كۆرسەتكەيسەن؛ چۈنكى مەن غېرىبانە، دەردمەندۇرمەن.
17كۆڭلۈمنىڭ ئازارلىرى كۆپىيىپ كەتتى؛ مېنى باسقان قىسماقلاردىن چىقارغايسەن.
18دەردلىرىمنى، ئازابلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، بارلىق گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن!
19مېنىڭ دۈشمەنلىرىمنى نەزىرىڭگە ئالغىن، چۈنكى ئۇلار كۆپتۇر؛ ئۇلار ماڭا چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بىلەن نەپرەتلىنىدۇ.
20جېنىمنى ساقلىغايسەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ مېنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرمىغايسەن؛ چۈنكى مەن سېنى باشپاناھىم قىلدىم.
21كۆڭۈل ساپلىقى ۋە دۇرۇسلۇق مېنى قوغدىغاي؛ چۈنكى مەن ساڭا ئۈمىد باغلاپ كۈتۈۋاتىمەن.

Read زەبۇر 25زەبۇر 25
Compare زەبۇر 25:10-21زەبۇر 25:10-21