Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 21

زەبۇر 21:8-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
8سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛
9سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.
10ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛
11چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛ ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن، ئەمما غەلىبە قىلالمىدى.
12چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛ سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن.
13ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز.

Read زەبۇر 21زەبۇر 21
Compare زەبۇر 21:8-13زەبۇر 21:8-13