Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 21

زەبۇر 21:5-10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە‫‪‎-‎‬‬نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛ سەن ئۇنىڭغا ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھەيۋەت ھەم شانۇ‫‪‎-‎‬‬شەۋكەت قوندۇردۇڭ.
6سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛ دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛
7چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ.
8سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛ ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛
9سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛ پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛ ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.
10ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن، نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛

Read زەبۇر 21زەبۇر 21
Compare زەبۇر 21:5-10زەبۇر 21:5-10