8پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىلىرى دۇرۇس، ئۇ قەلبنى شادلاندۇرىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى يورۇقلۇقتۇر، ئۇ كۆزلەرنى نۇرلاندۇرىدۇ.
9پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش پاك ئىشتۇر، ئۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ھۆكۈملىرى ھەقتۇر، ھەربىرى تامامەن ھەققانىيەتتۇر.
10ئۇلار ئالتۇندىن، بەرھەق كۆپ ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر؛ ھەسەلدىن، ھەسەل جەۋھىرىدىن شېرىندۇر؛