12كىم ئۆز خاتالىقلىرىنى بىلىپ يېتەلىسۇن؟ مېنى بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىمدىن ساقىت قىلغايسەن؛
13ئۆز قۇل-چاكارىڭنى باشباشتاق گۇناھلاردىن تارتقايسەن؛ بۇ گۇناھلارنى ماڭا خوجايىن قىلدۇرمىغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن مەن قۇسۇرسىز بولىمەن، ئېغىر گۇناھتىن خالىي بولغايمەن.
14ئى پەرۋەردىگار، مېنىڭ قورام تېشىم ۋە ھەمجەمەت-نىجاتكارىم، ئاغزىمدىكى سۆزلەر، قەلبىمدىكى ئويلىنىشلار نەزىرىڭدە مەقبۇل بولغاي!