Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 18

زەبۇر 18:41-49

Help us?
Click on verse(s) to share them!
41ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
42مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم.
43سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا.
44سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛
45يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛
46پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! نىجاتلىقىم بولغان خۇدا ھەممىدىن ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن!
47ئۇ، مەن ئۈچۈن تولۇق قىساس ئالغۇچى تەڭرى، خەلقلەرنى ماڭا بويسۇندۇرغان خۇدادۇر؛
48ئۇ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزغان؛ بەرھەق، سەن مېنى ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يۇقىرى كۆتۈردۈڭ؛ زوراۋان ئادەمدىن سەن مېنى قۇتۇلدۇردۇڭ.
49شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئەللەر ئارىسىدا ساڭا رەھمەت ئېيتىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛ نامىڭنى ئۇلۇغلاپ كۈيلەرنى ئېيتىمەن؛

Read زەبۇر 18زەبۇر 18
Compare زەبۇر 18:41-49زەبۇر 18:41-49