Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 18

زەبۇر 18:38-46

Help us?
Click on verse(s) to share them!
38قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى.
39سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛
40دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم.
41ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
42مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم.
43سەن مېنى خەلقنىڭ نىزالىرىدىن قۇتقۇزغانسەن؛ سەن مېنى ئەللەرنىڭ بېشى قىلغانسەن؛ ماڭا يات بولغان بىر خەلق خىزمىتىمدە بولماقتا.
44سۆزۈمنى ئاڭلاپلا ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلىدۇ؛ يات ئەلدىكىلەر ماڭا بىچارىلەرچە تەسلىم بولىدۇ؛
45يات ئەلدىكىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆز ئىستىھكاملىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىدۇ؛
46پەرۋەردىگار ھاياتتۇر! مېنىڭ قورام تېشىم مۇبارەكلەنسۇن! نىجاتلىقىم بولغان خۇدا ھەممىدىن ئالىيدۇر، دەپ مەدھىيىلەنسۇن!

Read زەبۇر 18زەبۇر 18
Compare زەبۇر 18:38-46زەبۇر 18:38-46