Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 18

زەبۇر 18:1-42

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى داۋۇت يازغان كۈي؛ پەرۋەردىگار ئۇنى بارلىق دۈشمەنلىرىدىن ھەم سائۇل پادىشاھنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان كۈنى، ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنۇ كۈينىڭ سۆزلىرىنى ئېيتتى‫‪:‬‬ ــ ئاھ، پەرۋەردىگارىم، مېنىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىم، مەن سېنى سۆيىمەن!
2پەرۋەردىگار مېنىڭ خادا تېغىم، مېنىڭ قورغىنىم، مېنىڭ نىجاتكارىمدۇر! مېنىڭ تەڭرىم، مېنىڭ قورام تېشىم، مەن ئۇنىڭدىن ھىمايە تاپىمەن؛ ئۇ مېنىڭ قالقىنىم، مېنىڭ قۇتقۇزغۇچى مۈڭگۈزۈم، مېنىڭ ئېگىز مۇنارىمدۇر!
3مەدھىيىلەرگە لايىق پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن، شۇندا دۈشمەنلىرىمدىن قۇتقۇزۇلىمەن؛
4ئۆلۈمنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى قورشىۋالدى، ئىخلاسسىزلارنىڭ يامراپ كېتىشى مېنى قورقىتىۋەتتى؛
5تەھتىسارانىڭ تانىلىرى مېنى چىرمىۋالدى، ئۆلۈم سىرتماقلىرى ئالدىمغا كەلدى.
6قىينالغىنىمدا مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدىم، خۇدايىمغا پەرياد كۆتۈردۈم؛ ئۇ ئىبادەتخانىسىدىن ئاۋازىمنى ئاڭلىدى، مېنىڭ پەريادىم ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىردى.
7شۇ چاغ يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىن تەۋرەپ، سىلكىنىپ كەتتى، تاغلارنىڭ ئۇللىرى دەھشەتلىك تەۋرەندى، سىلكىنىپ كەتتى؛ چۈنكى ئۇ غەزەپلەندى.
8ئۇنىڭ دىمىغىدىن ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى، ئاغزىدىن چىققان ئوت ھەممىسىنى يۇتۇۋەتتى؛ ئۇنىڭدىن كۆمۈر چوغلىرى چىقتى؛
9ئۇ ئاسمانلارنى تەزىم قىلدۇرۇپ چۈشتى، پۇتى ئاستى تۇم قاراڭغۇلۇق ئىدى.
10بىر كېرۇبنى مىنىپ پەرۋاز قىلدى، شامالنىڭ قاناتلىرىدا غۇيۇلداپ ئۇچۇپ كەلدى.
11ئۇ قاراڭغۇلۇقنى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنىدىغان جايى قىلدى، سۇلارنىڭ قاراڭغۇسىنى، ئاسمانلارنىڭ قويۇق بۇلۇتلىرىنى، ئۆز ئەتراپىدا چېدىرى قىلدى.
12ئۇنىڭ ئالدىدىكى يورۇقلۇقتىن، قويۇق بۇلۇتلار، مۆلدۈر، ئوتلۇق چوغلار چىقىپ ئۆتتى؛
13پەرۋەردىگار ئاسماندا گۈلدۈرلىدى؛ ھەممىدىن ئالىي بولغۇچى ئاۋازىنى ياڭراتتى، مۆلدۈر ۋە ئوتلۇق چوغلار بىلەن.
14بەرھەق، ئۇ ئوقلىرىنى ئېتىپ، دۈشمەنلىرىمنى تارقىتىۋەتتى؛ چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ، ئۇلارنى قىيقاس‫‪‎-‎‬‬چۇقانغا سالدى؛
15شۇنىڭ بىلەن دېڭىزلارنىڭ تەكتى كۆرۈنۈپ قالدى، ئالەمنىڭ ئۇللىرى ئاشكارىلاندى، تەنبىھىڭ بىلەن، دىمىغىڭدىن چىققان نەپەسنىڭ زەربىسى بىلەن، ئى پەرۋەردىگار.
16ئۇ يۇقىرىدىن قولىنى ئۇزىتىپ، مېنى تۇتتى؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن تارتىپ ئالدى.
17ئۇ مېنى كۈچلۈك دۈشمىنىمدىن، ھەم ماڭا ئۆچمەنلىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزدى؛ چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈك ئىدى.
18كۈلپەتكە ئۇچرىغان كۈنۈمدە، ئۇلار ماڭا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى؛ بىراق پەرۋەردىگار مېنىڭ تايانچىم ئىدى.
19ئۇ مېنى كەڭرى‫‪‎-‎‬‬ئازادە بىر جايغا ئېلىپ چىقاردى؛ ئۇ مېنى قۇتقۇزدى، چۈنكى ئۇ مەندىن خۇرسەن بولدى.
20پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ ماڭا ئىلتىپات كۆرسەتتى؛ قولۇمنىڭ ھالاللىقىنى ئۇ ماڭا قايتۇردى؛
21چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىنى تۇتۇپ كەلدىم؛ رەزىللىك قىلىپ خۇدايىمدىن ئايرىلىپ كەتمىدىم؛
22چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق ھۆكۈملىرى ئالدىمدىدۇر؛ مەن ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۆزۈمدىن نېرى قىلمىدىم؛
23مەن ئۇنىڭ بىلەن غۇبارسىز يۈردۇم، ئۆزۈمنى گۇناھتىن نېرى قىلدىم؛
24شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمغا قاراپ، كۆز ئالدىدىكى قولۇمنىڭ ھالاللىقىغا قاراپ، قىلغانلىرىمنى قايتۇردى.
25ۋاپادار‫‪‎-‎‬‬مېھرىبانلارغا ئۆزۈڭنى ۋاپادار‫‪‎-‎‬‬مېھرىبان كۆرسىتىسەن؛ غۇبارسىزلارغا ئۆزۈڭنى غۇبارسىز كۆرسىتىسەن؛
26ساپ دىللىقلارغا ئۆزۈڭنى ساپ دىللىق كۆرسىتىسەن؛ تەتۈرلەرگە ئۆزۈڭنى تەتۈر كۆرسىتىسەن؛
27چۈنكى ئاجىز مۆمىن خەلقنى قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭدۇرسەن؛ بىراق تەكەببۇر كۆزلەرنى شەرمەندە قىلىسەن؛
28چىرىغىمنى جۇلالىق قىلغان سەندۇرسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىم مېنى باسقان قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىدۇ؛
29چۈنكى سەن ئارقىلىق دۈشمەن قوشۇنى ئارىسىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتتۈم؛ سەن خۇدايىم ئارقىلىق مەن سېپىلدىن ئاتلاپ ئۆتتۈم.
30تەڭرىم ــ ئۇنىڭ يولى مۇكەممەلدۇر؛ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى سىناپ ئىسپاتلانغاندۇر؛ ئۇ ئۆزىگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىگە قالقاندۇر.
31چۈنكى پەرۋەردىگاردىن باشقا يەنە كىم ئىلاھتۇر؟ بىزنىڭ خۇدايىمىزدىن باشقا كىممۇ قورام تاشتۇر؟
32يەنى بېلىمنى كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇۋۋەت بىلەن ئورىغۇچى تەڭرى، يولۇمنى تۈپتۈز، مۇكەممەل قىلغۇچى تەڭرىدۇر؛
33ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمنى كېيىكنىڭكىدەك ئۇچقۇر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنى ئېگىز جايلىرىمدا تۇرغۇزىدۇ؛
34قوللىرىمنى ئۇرۇش قىلىشقا ئۆگىتىدۇ، شۇڭلاشقا بىلەكلىرىم مىس كاماننى كېرەلەيدۇ؛
35سەن ماڭا نىجاتلىقىڭ بولغان قالقاننى ئاتا قىلدىڭ، نېنىڭ ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلىدى؛ سېنىڭ مۇلايىم كەمتەرلىكىڭ مېنى ئۇلۇغ قىلدى.
36سەن قەدەملىرىم ئاستىدىكى جاينى كەڭ قىلدىڭ، مېنىڭ پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىدى.
37مەن دۈشمەنلىرىمنى قوغلاپ يەتتىم؛ ئۇلار ھالاك بولمىغۇچە ھېچ يانمىدىم.
38قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماس قىلىپ ئۇلارنى يانجىۋەتتىم، ئۇلار پۇتلىرىم ئاستىدا يىقىلدى.
39سەن جەڭ قىلىشقا كۈچ بىلەن بېلىمنى باغلىدىڭ؛ سەن ماڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى پۇتۇم ئاستىدا ئېگىلدۈردۈڭ؛
40دۈشمەنلىرىمنى كۆز ئالدىمدا ئارقىسىغا ياندۇرۇپ قاچقۇزدۇڭ، شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۆچمەنلەرنى يوقاتتىم.
41ئۇلار پەرياد كۆتۈردى، بىراق قۇتقۇزىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى؛ ھەتتا پەرۋەردىگارغا نىدا قىلدى، ئۇمۇ ئۇلارغا جاۋاب بەرمىدى.
42مەن ئۇلارغا سوققا بېرىپ، شامال ئۇچۇرغان توپىدەك قىلىۋەتتىم؛ كوچىدىكى پاتقاقتەك، ئۇلارنى تۆكۈۋەتتىم.

Read زەبۇر 18زەبۇر 18
Compare زەبۇر 18:1-42زەبۇر 18:1-42