3سەن مېنىڭ قەلبىمنى سىنىغانسەن، سەن كېچىدىمۇ ماڭا يېقىنلىشىپ كۆزەتتىڭ؛ سەن مېنى تاۋلاپ كۆزۈڭدىن كەچۈردىڭسەن، مېنىڭدىن ھېچبىر سەۋەنلىك تاپالمىدىڭ؛ كۆڭلۈمدە: ئاغزىم ئىتائەتسىزلىك قىلمىسۇن! ــ دەپ نىيەت قىلدىم.
4ئادەم بالىلىرىنىڭ ھاياتتىكى ئىشلىرىدا، لەۋلىرىڭدىن چىققان سۆزلەر بىلەن زوراۋانلارنىڭ يوللىرىدىن ئۆزۈمنى نېرى قىلدىم.
5مېنىڭ قەدەملىرىم يوللىرىڭدىن چىقمىغان، پۇتلىرىم تېيىلىپ كەتمىگەن.
6مەن ساڭا ئىلتىجا قىلدىم، چۈنكى تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىسەن، ئى تەڭرىم؛ ماڭا قۇلاق سالغىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلىغىن.