1ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي!
3ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن!
4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛