3ئۇ كۆڭلى سۇنۇقلارنى داۋالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تاڭىدۇ.
4ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانىنى سانايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بىر-بىرلەپ ئىسىم قويىدۇ.
5ئۇلۇغدۇر رەببىمىز، زور قۇدرەتلىكتۇر؛ ئۇنىڭ چۈشىنىشى چەكسىزدۇر.
6پەرۋەردىگار ياۋاش مۆمىنلەرنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ رەزىللەرنى يەرگىچە تۆۋەن قىلىدۇ.