Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 147

زەبۇر 147:11-20

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.
12پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون.
13چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت‫‪‎-‎‬‬بەرىكەت بەردى.
14ئۇ چەت‫‪‎-‎‬‬چېگرالىرىڭدا ئارام‫‪‎-‎‬‬تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.
15ئۇ ئۆز ئەمر‫‪‎-‎‬‬بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ.
16ئۇ ئاق قارنى يۇڭدەك بېرىدۇ، قىراۋنى كۈللەردەك تارقىتىدۇ.
17ئۇنىڭ مۇزىنى نان ئۇۋاقلىرىدەك قىلىپ پارچىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ سوغۇقى ئالدىدا كىم تۇرالىسۇن؟
18ئۇ سۆزىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئېرىتىدۇ؛ ئۇنىڭ شامىلىنى چىقىرىپ، سۇلارنى ئاققۇزىدۇ.
19ئۇ ئۆز سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىنى ياقۇپقا، بەلگىلىمىلىرىنى ھەم ھۆكۈملىرىنى ئىسرائىلغا ئايان قىلىدۇ؛
20ئۇ باشقا ھېچبىر ئەلگە مۇنداق مۇئامىلە قىلمىغاندۇر؛ ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى بولسا، ئۇلار بىلىپ باققان ئەمەس. ھەمدۇسانا!

Read زەبۇر 147زەبۇر 147
Compare زەبۇر 147:11-20زەبۇر 147:11-20