11پەرۋەردىگار بەلكى ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنى، ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلارنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىدۇ.
12پەرۋەردىگارنى ماختاڭلار، ئى يېرۇسالېم؛ خۇدايىڭنى مەدھىيىلە، ئى زىئون.
13چۈنكى ئۇ دەرۋازىلىرىڭنىڭ تاقاقلىرىنى مەھكەم قىلىدۇ؛ سېنىڭدە تۇرۇۋاتقان پەرزەنتلىرىڭگە بەخت-بەرىكەت بەردى.
14ئۇ چەت-چېگرالىرىڭدا ئارام-تىنچلىق يۈرگۈزىدۇ، سېنى بۇغداينىڭ ئېسىلى بىلەن قانائەتلەندۈرىدۇ.
15ئۇ ئۆز ئەمر-بېشارەتلىرىنى يەر يۈزىگە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئىنتايىن تېز يۈگۈرىدۇ.