Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 145

زەبۇر 145:2-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2|ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرىمەن!
3|ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛
4|ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛
5|ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛
6|ו|‫‪:‬‬ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!
7|ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ، ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.
8|ח| پەرۋەردىگار مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛ ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتلىكتۇر؛
9|ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛
10|י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬مەدھىيە قايتۇرىدۇ.
11|כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ، كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛
12|ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ، پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ.
13|מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر، سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن‫‪‎-‎‬‬ئەۋلادقىچىدۇر.
14|ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ، ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ.
15|ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛
16|פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا، بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن.

Read زەبۇر 145زەبۇر 145
Compare زەبۇر 145:2-16زەبۇر 145:2-16