1مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛ نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن.
2|ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن، نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن!
3|ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر! ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛
4|ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛ ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛
5|ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى، ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛
6|ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛ مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!