Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 144

زەبۇر 144:4-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4ئادەم بولسا بىر نەپەستۇرلا، خالاس؛ ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كۆلەڭگىدۇر، خالاس.
5ئى پەرۋەردىگار، ئاسمانلارنى ئېگىلدۈرۈپ چۈشكەيسەن؛ تاغلارغا تېگىپ ئۇلاردىن ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتەك چىقارغايسەن؛
6چاقماقلارنى چاققۇزۇپ ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەيسەن؛ ئوقلىرىڭنى ئېتىپ ئۇلارنى قىيقاس‫‪‎-‎‬‬سۈرەنگە سالغايسەن؛
7يۇقىرىدىن قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ، مېنى ئازاد قىلغايسەن؛ مېنى ئۇلۇغ سۇلاردىن، ياقا يۇرتتىكىلەرنىڭ چاڭگىلىدىن چىقارغايسەن.
8ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.
9ئى خۇدا، مەن ساڭا ئاتاپ يېڭى ناخشا ئېيتىمەن؛ ئونتارغا تەڭكەش بولۇپ ساڭا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10سەن پادىشاھلارغا نىجاتلىق‫‪‎-‎‬‬غەلىبە بېغىشلايسەن؛ قۇلۇڭ داۋۇتنى ئەجەللىك قىلىچتىن قۇتۇلدۇرىسەن.
11مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن، يات يۇرتتىكىلەرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاغزى قۇرۇق گەپ سۆزلەيدۇ، ئوڭ قولى ئالدامچى قولدۇر.
12شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىمىز ياشلىقىدا پۇختا يېتىلگەن كۆچەتلەرگە ئوخشايدۇ، قىزلىرىمىز ئوردىچە نەقىشلەنگەن تۈۋرۈكلەردەك بولىدۇ؛
13ئاشلىق ئامبارلىرىمىز تولدۇرۇلۇپ، تۈرلۈك‫‪‎-‎‬‬تۈرلۈك ئوزۇقلار بىلەن تەمىنلەيدىغان، قويلىرىمىز ئوتلاقلىرىمىزدا مىڭلاپ، تۈمەنلەپ قوزىلايدىغان؛

Read زەبۇر 144زەبۇر 144
Compare زەبۇر 144:4-13زەبۇر 144:4-13