Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 139

زەبۇر 139:5-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5سەن مېنى ئالدى‫‪‎-‎‬‬كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن.
6بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن.
7روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟
8ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛
9سەھەرنىڭ قاناتلىرىنى ئېلىپ ئۇچۇپ، دېڭىزنىڭ ئەڭ چەت يەرلىرىدە تۇرسام،
10ھەتتا ئاشۇ جايدا قولۇڭ مېنى يېتەكلەيدۇ، ئوڭ قولۇڭ مېنى يۆلەيدۇ.
11مەن‫‪:‬‬ «قاراڭغۇلۇق مېنى ياپسا، ئەتراپىمدىكى يورۇقلۇق چوقۇم كېچە بولىدۇ» ــ دېسەم،
12قاراڭغۇلۇقمۇ سەندىن يوشۇرۇنالمايدۇ، كېچىمۇ ساڭا كۈندۈزدەك ئايدىڭدۇر، قاراڭغۇلۇقمۇ ساڭا يورۇقتەكتۇر.
13بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛

Read زەبۇر 139زەبۇر 139
Compare زەبۇر 139:5-13زەبۇر 139:5-13