2ئۆزۈڭ ئولتۇرغىنىمنى، تۇرغىنىمنىمۇ بىلىسەن؛ يىراقتا تۇرۇقلۇق كۆڭلۈمدىكىنى بىلىسەن.
3باسقان قەدەملىرىمنى، ياتقانلىرىمنى ئۆتكەمەڭدىن ئۆتكۈزدۇڭ؛ بارلىق يوللىرىم ساڭا ئاياندۇر.
4بەرھەق، تىلىمغا بىر سۆز كېلە-كەلمەستىنلا، ئى پەرۋەردىگار، مانا سەن بۇنى ئەينى بويىچە بىلمەي قالمايسەن.
5سەن مېنى ئالدى-كەينىمدىن ئوراپ تۇرىسەن، قولۇڭنى مېنىڭ ئۈستۈمگە قوندۇرغانسەن.
6بۇنداق بىلىم ماڭا شۇنچىلىك تىلسىمات بىلىنىدۇ! شۇنداق يۈكسەككى، مەن ئۇنى بىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن.
7روھىڭدىن نېرى بولۇشقا نەلەرگىمۇ بارالايتتىم؟ ھۇزۇرۇڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ نەلەرگە بارالايتتىم؟
8ئاسمانلارغا چىقسام، مانا سەن ئاشۇ يەردە؛ تەھتىسارادا ئورۇن سالساممۇ، مانا سەن شۇ يەردە؛