Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 139

زەبۇر 139:13-19

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13بەرھەق، سەن مېنىڭ ئىچلىرىمنى ياسىغانسەن؛ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى توقۇغانسەن؛
14مەن سېنى مەدھىيىلەيمەن، چۈنكى مەن سۈرلۈك ۋە كارامەت ياسالغانمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ كارامەت تىلسىماتتۇر؛ بۇنى جېنىم ئوبدان بىلىدۇ.
15مەن يوشۇرۇن جايدا ياسالغىنىمدا، يەر تەگلىرىدە ئەپچىللىك بىلەن توقۇلۇپ شەكىللەندۈرۈلگىنىمدە، ئۇستىخانلىرىم سەندىن يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى.
16ئەزالىرىم تېخى ئاپىرىدە بولمىغان كۈنلەردە، ئۇلار ياسىلىۋاتقان كۈنلەردە، كۆزۈڭ تېخى شەكىللەنمىگەن جىسمىمنى كۆرۈپ يەتكەنىدى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇن دەپتىرىڭدە يېزىلغانىدى.
17ئاھ تەڭرىم، ئويلىرىڭ ماڭا نەقەدەر قىممەتلىكتۇر! ئۇلارنىڭ يىغىندىسى شۇنچە زوردۇر!
18ئۇلارنى ساناي دېسەم، ئۇلار دېڭىزدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپتۇر؛ ئۇيقۇدىن كۆزۈمنى ئاچسام، مەن يەنىلا سەن بىلەن بىللىدۇرمەن!
19ئاھ، سەن رەزىللەرنى ئۆلتۈرۈۋەتسەڭ ئىدىڭ، ئى خۇدا! قانخور كىشىلەر، مەندىن يىراق بولۇش!

Read زەبۇر 139زەبۇر 139
Compare زەبۇر 139:13-19زەبۇر 139:13-19