Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 138

زەبۇر 138:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1داۋۇت يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ بارلىق ئىلاھلار ئالدىدا سېنى كۈيلەيمەن.
2پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكىڭنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قاراپ باش ئۇرىمەن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ ھەم ھەقىقەت‫‪‎-‎‬‬ساداقىتىڭ ئۈچۈن نامىڭنى تەبرىكلەيمەن؛ چۈنكى سەن پۈتۈن نام‫‪‎-‎‬‬شۆھرىتىڭدىنمۇ بەكرەك، ۋەدەڭدە تۇرىدىغىنىڭنى ئۇلۇغ قىلغانسەن.
3ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە، ماڭا جاۋاب بەرگەنسەن؛ جېنىمغا كۈچ كىرگۈزۈپ، مېنى رىغبەتلەندۈرگەنسەن.
4ئاغزىڭدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ئى پەرۋەردىگار، جاھاندىكى بارلىق شاھلار سېنى مەدھىيىلەيدۇ؛
5ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يوللىرىدا يۈرۈپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگارنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى.

Read زەبۇر 138زەبۇر 138
Compare زەبۇر 138:1-5زەبۇر 138:1-5