Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 136

زەبۇر 136:14-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14ھەم ئىسرائىلنى ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكۈزگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
15قىزىل دېڭىزدا پىرەۋننى قوشۇنلىرى بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغۇچىغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
16ئۆز خەلقىنى چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىن يېتەكلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
17بۈيۈك پادىشاھلارنى ئۇرۇۋەتكۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
18ھەم مەشھۇر پادىشاھلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
19جۈملىدىن ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
20ــ ھەم باشان پادىشاھى ئوگنى ئۆلتۈرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
21ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس ئۈچۈن بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
22بۇنى بەندىسى ئىسرائىلغا مىراس قىلىپ بەرگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛
23ھالىمىز خاراب ئەھۋالدا، بىزلەرنى ئەسلىگۈچىگە تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر؛

Read زەبۇر 136زەبۇر 136
Compare زەبۇر 136:14-23زەبۇر 136:14-23