13سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت-خاتىرەڭ دەۋردىن-دەۋرگىچىدۇر.
14چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ.
15ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش-ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.
16ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛
17قۇلاقلىرى بار، بىراق ئاڭلىمايدۇ، ئاغزىدا ھېچ نەپەس يوقتۇر.
18ئۇلارنى ياسىغانلار ئۇلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارغا تايانغانلارمۇ شۇنداقتۇر.