Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 135

زەبۇر 135:1-16

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى!
2ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلار، خۇدايىمىزنىڭ ھويلىلىرىدا تۇرغانلار!
3ياھنى مەدھىيىلەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر؛ ئۇنىڭ نامىغا كۈي ئېيتىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇنداق قىلىش شېرىندۇر؛
4چۈنكى ياھ ياقۇپنى ئۆزىنىڭكى بولۇشقا، ئىسرائىلنى ئۆز مىراسى بولۇشقا تاللىۋالدى.
5چۈنكى ئۆزۈم بىلىمەنكى، پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر؛ رەببىمىز بارلىق ئىلاھلاردىن ئۈستۈندۇر.
6پەرۋەردىگار نېمە ئىشنى مۇۋاپىق كۆرگەن بولسا، ئۇ ئاسمانلاردا، زېمىندا، دېڭىزلاردا ھەم ئۇنىڭ بارلىق تەگلىرىدىمۇ شۇنى قىلغاندۇر.
7ئۇ يەر چەتلىرىدىن بۇلۇت‫‪‎-‎‬‬تۇمانلارنى ئۆرلىتىدۇ؛ يامغۇرلارغا چاقماقلارنى ھەمراھ قىلىدۇ؛ شامالنى ئۆز خەزىنىلىرىدىن چىقىرىدۇ.
8ئۇ مىسىردىكى تۇنجى ئوغۇللارنى ھالاك قىلدى، ئىنسانلارنىڭ بولسۇن، ھايۋانلارنىڭ بولسۇن ھەممىنى ئۇرۇپ ھالاك قىلدى.
9ئۇ ئالامەتلەرنى، مۆجىزىلەرنى ئاراڭلارغا ئەۋەتتى، ئى مىسىر؛ پىرەۋن ۋە ئۇنىڭ ھەممە قۇللىرى ئۈستىگە ئەۋەتتى.
10ئۇ ئۇلۇغ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتتى، قۇدرەتلىك پادىشاھلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى؛
11ئامورىيلارنىڭ پادىشاھى سىھوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، قانائاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇۋەتتى.
12ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ، ئۆز خەلقى ئىسرائىلغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلدى.
13سېنىڭ نامىڭ، پەرۋەردىگار، مەڭگۈگە، شۆھرەت‫‪‎-‎‬‬خاتىرەڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر.
14چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ دەۋاسىنى سورايدۇ؛ ئۆز قۇللىرىغا رەھىم قىلىدۇ.
15ئەللەرنىڭ بۇتلىرى بولسا پەقەتلا كۈمۈش‫‪‎-‎‬‬ئالتۇندىن ئىبارەتتۇر، ئۇلارنى ئىنساننىڭ قوللىرى ياسىغاندۇر، خالاس.
16ئۇلارنىڭ ئاغزى بار، بىراق سۆزلىمەيدۇ؛ كۆزلىرى بار، بىراق كۆرمەيدۇ؛

Read زەبۇر 135زەبۇر 135
Compare زەبۇر 135:1-16زەبۇر 135:1-16