Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 127

زەبۇر 127:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي‫‪:‬‬ ــ پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا، سالغۇچىلار بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛ پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا، كۆزەتچىلەر بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.
2سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار، كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار، جاپا‫‪‎-‎‬‬مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكاردۇر؛ چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ.
3مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر، بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
4ياشلىقتا تاپقان بالىلار، باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.
5ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛ شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا، ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.

Read زەبۇر 127زەبۇر 127
Compare زەبۇر 127:1-5زەبۇر 127:1-5