Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 119

زەبۇر 119:81-94

Help us?
Click on verse(s) to share them!
81|כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82كۆزۈم سۆز‫‪‎-‎‬‬ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.
88ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ۋە ئاغزىڭدىكى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى تۇتىمەن.
89|ל| (لامەد) مەڭگۈگە، ئى پەرۋەردىگار، سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭ ئەرشلەردە بېكىتىلگەندۇر.
90سېنىڭ ساداقىتىڭ دەۋردىن‫‪‎-‎‬‬دەۋرگىچىدۇر؛ سەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى مۇقىم بېكىتكەنسەن، ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
91سېنىڭ ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬قانۇنىيەتلىرىڭ بىلەن بۇلار بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۇرىدۇ؛ چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلار سېنىڭ خىزمىتىڭدىدۇر.
92سېنىڭ تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭ خۇرسەنلىكىم بولمىغان بولسا، ئازابىمدا يوقاپ كېتەر ئىدىم.
93مەن سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن؛ چۈنكى مۇشۇلار ئارقىلىق ماڭا ھاياتلىق بەردىڭ؛
94مەن سېنىڭكىدۇرمەن، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى ئىزدەپ كەلدىم.

Read زەبۇر 119زەبۇر 119
Compare زەبۇر 119:81-94زەبۇر 119:81-94