80كۆڭلۈم بەلگىلىمىلىرىڭدە مۇكەممەل بولسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن يەرگە قاراپ قالمايمەن.
81|כ| (كاف) جېنىم نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ ھالىدىن كېتەي دەۋاتىدۇ؛ مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
82كۆزۈم سۆز-ۋەدەڭگە تەلمۈرۈپ تۈگىشەي دېدى، «سەن قاچانمۇ ماڭا تەسەللى بېرەرسەن» ــ دەپ.
83چۈنكى مەن ئىسلىنىپ قۇرۇپ كەتكەن تۇلۇمدەك بولدۇم، بىراق بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۇنتۇمايمەن.
84قۇلۇڭنىڭ كۈنلىرى قانچە بولىدۇ؟ ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلارنى قاچان جازالايسەن؟
85تەكەببۇرلار ماڭا ئورىلارنى كولىغان؛ بۇ ئىشلار تەۋراتىڭغا مۇخالىپتۇر؛
86سېنىڭ بارلىق ئەمرلىرىڭ ئىشەنچلىكتۇر؛ ئۇلار يولسىزلىق بىلەن مېنى قىستىماقتا؛ ماڭا ياردەم قىلغايسەن!
87ئۇلار مېنى يەر يۈزىدىن يوقاتقىلى قىل قالدى؛ بىراق مەن بولسام، كۆرسەتمىلىرىڭدىن ۋاز كەچمىدىم.