71ئازابقا ئۇچرىغىنىم ياخشى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەندىم.
72مەن ئۈچۈن ئاغزىڭدىكى قانۇن-تەلىم، مىڭلىغان ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىدىن ئەۋزەلدۇر.
73|י| (يود) سېنىڭ قوللىرىڭ مېنى ياسىغان، مېنى مۇستەھكەملىدى؛ مېنى يورۇتقايسەن، ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمەن.
74سەندىن ئەيمىنىدىغانلار مېنى كۆرۈپ شادلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۆز-كالامىڭغا ئۈمىد باغلاپ كەلدىم.
75ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى، ۋاپادارلىقىڭدىن مېنى ئازابقا سالغىنىڭنى بىلىمەن.
76ئاھ، قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭ بويىچە، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ تەسەللىيىم بولسۇن.