47ۋە ئەمرلىرىڭنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن، چۈنكى ئۇلارنى سۆيۈپ كەلدىم؛
48مەن سۆيۈپ كەلگەن ئەمرلىرىڭگە قوللىرىمنى سوزۇپ ئىنتىلىمەن، ۋە بەلگىلىمىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن.
49|ז| (زائىن) سەن قۇلۇڭغا بەرگەن سۆزۈڭنى، يەنى ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان كالامىڭنى ئەسلىگەيسەن.
50ئۇ بولسا دەردىمگە بولغان تەسەللىدۇر؛ چۈنكى سۆز-ۋەدەڭ مېنى جانلاندۇردى.
51تەكەببۇرلار ئەشەددىي ھاقارەتلىگىنى بىلەن، لېكىن تەۋرات-قانۇنۇڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
52قەدىمدە بېكىتىلگەن ھۆكۈملىرىڭنى يادىمغا كەلتۈردۈم، ئى پەرۋەردىگار، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم.
53تەۋرات-قانۇنۇڭنى تاشلىۋەتكەن رەزىللەر ۋەجىدىن، ئوتلۇق غەزەپ مەندە قايناپ تاشتى.
54مۇساپىر بولۇپ تۇرغان جايىمدا، كۆرسەتمىلىرىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم بولدى.
55كېچىدە، ئى پەرۋەردىگار، نامىڭنى ئەسلەپ يۈردۇم، تەۋرات-قانۇنۇڭنى تۇتۇپ كەلدىم.
56مەن بۇنىڭغا نېسىپ بولدۇم، چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭكە ئىتائەت قىلىپ كەلدىم.
57|ח| (خەت) ئۆزۈڭ مېنىڭ نېسىۋەمدۇرسەن، ئى پەرۋەردىگار؛ «سېنىڭ سۆز-كالامىڭنى تۇتاي» ــ دېدىم.
58مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن دىدارىڭغا ئىنتىلىپ يېلىندىم؛ ۋەدەڭ بويىچە ماڭا شاپائەت كۆرسەتكەيسەن.
59مەن يوللىرىڭ ئۈستىدە ئويلاندىم، ئاياغلىرىمنى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا قارىتىپ بۇرىدىم.
60مەن ئالدىرىدىم، ھېچ كېچىكمىدىم، سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىشقا.
61رەزىللەرنىڭ ئاسارەتلىرى مېنى چىرمىۋالغىنى بىلەن، مەن تەۋرات-قانۇنۇڭنى ھېچ ئۇنتۇمىدىم.
62ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ ئۈچۈن، تۈن كېچىدە تەشەككۈر ئېيتقىلى قوپىمەن.
63مەن سەندىن قورقىدىغانلارنىڭ، كۆرسەتمىلىرىڭگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈلپىتىدۇرمەن.
64جاھان، ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بىلەن تولدى؛ ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
65|ט| (تەت) سۆز-كالامىڭ بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، ئۆز قۇلۇڭغا مېھرىبانلىقنى كۆرسىتىپ كەلگەنسەن.