36مېنىڭ قەلبىمنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئەمەس، بەلكى ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا مايىل قىلغايسەن.
37كۆزلىرىمنى ساختىنى كۆرۈشتىن ياندۇرغايسەن؛ مېنى يولۇڭدا جانلاندۇرغايسەن؛
38سەن قۇلۇڭغا بولغان ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغايسەن؛ شۇنىڭ بىلەن خەقلەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.
39مەن قورققان شەرمەندىلىكنى نېرى كەتكۈزگەيسەن؛ چۈنكى سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ئەلادۇر.
40مانا، مەن كۆرسەتمىلىرىڭگە تەشنا بولۇپ كەلدىم؛ ئۆز ھەققانىيىتىڭدە مېنى جانلاندۇرغايسەن؛