160سۆز-كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.
161|ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن-بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ.
162بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.
163ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات-قانۇنۇڭدۇر.
164ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن.
165تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس.
166مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ.
167جېنىم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن.
168بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
169|ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن.
170يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن.
171ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ.
172تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر.