Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 119

زەبۇر 119:144-176

Help us?
Click on verse(s) to share them!
144سېنىڭ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى ئەبەدىيدۇر؛ ياشىغىن دەپ، مېنى يورۇتقايسەن.
145|ק| (كوف) مەن پۈتۈن قەلبىم بىلەن ساڭا نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ ماڭا جاۋاب بەرگەيسەن؛ مەن بەلگىلىمىلىرىڭنى تۇتىمەن.
146مەن ساڭا نىدا قىلىمەن؛ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
147مەن تاڭ ئاتماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ پەرياد كۆتۈرىمەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
148ۋەدىلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىش ئۈچۈن، تۈندىكى جېسەكلەر ئالماشماي تۇرۇپ كۆزۈم ئېچىلىدۇ.
149ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى پەرۋەردىگار، ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
150قەبىھ نىيەتكە ئەگەشكەنلەر ماڭا يېقىنلاشتى، ئۇلار تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدىن يىراقتۇر.
151ئى پەرۋەردىگار، سەن ماڭا يېقىن تۇرىسەن؛ بارلىق ئەمرلىرىڭ ھەقىقەتتۇر.
152ئۇزۇندىن بېرى ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ئۆگەندىمكى، ئۇلارنى مەڭگۈگە ئىناۋەتلىك قىلغانسەن.
153|ר| (رەش) مېنىڭ خار بولغىنىمنى كۆرگەيسەن، مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن؛ چۈنكى تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى ئۇنتۇمىدىم.
154مېنىڭ دەۋايىمنى سورىغايسەن، ھەمجەمەت بولۇپ مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
155نىجاتلىق رەزىللەردىن يىراقتۇر؛ چۈنكى ئۇلار بەلگىلىمىلىرىڭنى ئىزدىمەيدۇ.
156رەھىمدىللىقلىرىڭ كۆپتۇر، ئى پەرۋەردىگار؛ ھۆكۈملىرىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن.
157ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار ھەم مېنى خار قىلغۇچىلار كۆپتۇر؛ بىراق ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭدىن ھېچ چەتنىمىدىم.
158مەن ئاسىيلىق قىلغۇچىلارغا قاراپ يىرگەندىم، چۈنكى ئۇلار سۆزۈڭنى تۇتمايدۇ.
159سېنىڭ كۆرسەتمىلىرىڭنى شۇنچە سۆيگەنلىكىمنى كۆرگەيسەن؛ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى جانلاندۇرغايسەن، ئى پەرۋەردىگار.
160سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭنى مۇجەسسەملىگەندە ئاندىن ھەقىقەت بولۇر؛ سېنىڭ ھەربىر ئادىل ھۆكۈمۈڭ ئەبەدىيدۇر.
161|ש| (شىين) ئەمىرلەر بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار ماڭا زىيانكەشلىك قىلىدۇ؛ بىراق يۈرىكىم كالامىڭ ئالدىدىلا تىترەيدۇ.
162بىرسى زور ئولجا تاپقاندەك، ۋەدەڭدىن خۇشاللىنىمەن.
163ساختىلىقتىن نەپرەتلىنىپ يىرگىنىمەن؛ سۆيگىنىم تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدۇر.
164ھەققانىي ھۆكۈملىرىڭ تۈپەيلىدىن، كۈندە يەتتە قېتىم سېنى مەدھىيىلەيمەن.
165تەۋراتىڭنى سۆيگەنلەرنىڭ زور خاتىرجەملىكى بار؛ ھېچ نەرسە ئۇلارنى پۇتلىيالماس.
166مەن نىجاتلىقىڭغا ئۈمىد باغلاپ كۈتتۈم، ئى پەرۋەردىگار، ئەمرلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ.
167جېنىم ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىدۇ، ئۇلارنى ئىنتايىن سۆيىمەن.
168بارلىق يوللىرىم ئالدىڭدا بولغاچ، كۆرسەتمىلىرىڭ ھەم ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭغا ئەگىشىمەن.
169|ח| (تاۋ) مېنىڭ پەريادىم ئالدىڭغا يېقىن كەلسۇن، ئى پەرۋەردىگار؛ كالامىڭ بويىچە مېنى يورۇتقايسەن.
170يېلىنىشىم ئالدىڭغا كەلسۇن؛ ۋەدەڭ بويىچە مېنى قۇتۇلدۇرغايسەن.
171ماڭا بەلگىلىمىلىرىڭنى ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن، لەۋلىرىمدىن مەدھىيىلەر ئۇرغۇپ چىقىدۇ.
172تىلىم سۆزۈڭنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدۇ، چۈنكى ئەمرلىرىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىيدۇر.
173قولۇڭ ماڭا ياردەمگە تەييار بولسۇن؛ چۈنكى مەن كۆرسەتمىلىرىڭنى تاللىۋالدىم.
174مەن نىجاتلىقىڭغا تەلمۈرۈپ تەشنا بولۇپ كەلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ سېنىڭ تەۋراتىڭ مېنىڭ خۇرسەنلىكىمدۇر.
175جېنىم ياشىسۇن، ئۇ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، سېنىڭ ھۆكۈملىرىڭ ماڭا ياردەم قىلسۇن.
176مەن يولدىن ئاداشقان قويدەك تەمتىرەپ قالدىم؛ قۇلۇڭنى ئىزدىگەيسەن؛ چۈنكى ئەمرلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.

Read زەبۇر 119زەبۇر 119
Compare زەبۇر 119:144-176زەبۇر 119:144-176