115مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان-ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ-گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121|ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛