Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - زەبۇر - زەبۇر 119

زەبۇر 119:108-122

Help us?
Click on verse(s) to share them!
108قوبۇل قىلغايسەن، ئى پەرۋەردىگار، ئاغزىمدىكى خالىس قۇربانلىقلارنى، ماڭا ھۆكۈملىرىڭنى ئۆگەتكەيسەن.
109جېنىمنى ئالىقىنىمدا دائىم ئېلىپ يۈرىمەن، بىراق تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن.
110رەزىللەر مەن ئۈچۈن قىلتاق قۇردى؛ بىراق كۆرسەتمىلىرىڭدىن ئاداشمىدىم.
111ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى مىراس قىلىپ مەڭگۈگە قوبۇل قىلدىم؛ چۈنكى ئۇلار كۆڭلۈمنىڭ شادلىقىدۇر.
112مەن كۆڭلۈمنى بەلگىلىمىلىرىڭگە مەڭگۈگە ئەمەل قىلىشقا، يەنى ئاخىرغىچە ئەمەل قىلىشقا مايىل قىلدىم.
113|ס| (سامەق) ئالا كۆڭۈللەرنى ئۆچ كۆرۈپ كەلدىم؛ سۆيگىنىم بولسا، تەۋرات‫‪‎-‎‬‬قانۇنۇڭدۇر.
114سەن مېنىڭ دالدا جايىم، مېنىڭ قالقانىمدۇرسەن؛ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىڭغا ئۈمىد باغلىدىم.
115مەن خۇدايىمنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مەندىن نېرى بولۇڭلار، ئى رەزىللىك قىلغۇچىلار!
116ياشىشىم ئۈچۈن، ۋەدەڭ بويىچە مېنى يۆلىگەيسەن؛ ئۈمىدىمنىڭ ئالدىدا مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن.
117مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەيسەن، شۇندا مەن ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن يۈرىمەن؛ ۋە بەلگىلىمىلىرىڭنى ھەردائىم قەدىرلەيمەن.
118بەلگىلىمىلىرىڭدىن ئازغانلارنىڭ ھەممىسىنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى قۇرۇقتۇر.
119سەن يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەرنى داشقالدەك شاللاپ تازىلايسەن؛ شۇڭا مەن ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىقلىرىڭنى سۆيىمەن.
120ئەتلىرىم سېنىڭدىن بولغان ئەيمىنىشتىن تىترەيدۇ؛ ھۆكۈملىرىڭدىن قورقۇپ يۈرىمەن.
121|ע| (ئايىن) مەن دۇرۇس ھۆكۈملەرنى ۋە ئادالەتنى يۈرگۈزدۇم؛ مېنى ئەزگۈچىلەرگە تاشلاپ قويمىغايسەن؛
122ئۆز قۇلۇڭ ئۈچۈن ياخشىلىققا كاپالەت بولغايسەن؛ تەكەببۇرلارغا مېنى ئەزگۈزمىگەيسەن.

Read زەبۇر 119زەبۇر 119
Compare زەبۇر 119:108-122زەبۇر 119:108-122