Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 7

رىملىقلارغا 7:9-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9بىر چاغلاردا قانۇننىڭ سىرتىدا ياشىغىنىمدا ھايات ئىدىم، لېكىن قانۇن ئەمرىنى بىلىشىم بىلەنلا، گۇناھمۇ جانلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى.
10ئەسلىدە كىشىگە ھاياتلىق ئېلىپ كەلسۇن دەپ بۇيرۇلغان قانۇننىڭ ئەمرى ئەكسىچە ماڭا ئۆلۈم ئېلىپ كەلدى.
11چۈنكى گۇناھ قانۇننىڭ ئەمرى بىلەن ھۇجۇم پۇرسىتىنى تېپىپ، مېنى ئازدۇردى ۋە ئەمر ئارقىلىق مېنى ئۆلتۈردى.
12بۇنىڭدىن قارىغاندا قانۇن ھەقىقەتەن پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەستۇر، ئۇنىڭ ئەمرىمۇ مۇقەددەس، توغرا‫‪‎-‎‬‬ئادالەتلىك ۋە ياخشىدۇر.
13ئۇنداقتا، ياخشى بولغىنى ماڭا ئۆلۈم بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، گۇناھنىڭ قەۋەتلا قەبىھ ئىكەنلىكى ئەمر ئارقىلىق ئوچۇق ئاشكارىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ياخشى ئەمرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن گۇناھ مەندە ئۆلۈم پەيدا قىلدى.
14تەۋرات قانۇنىنىڭ «روھقا تەۋە» ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق مەن بولسام «ئەتكە تەۋە»دۇرمەن، دېمەك گۇناھقا قۇلدەك سېتىلغانمەن.   
15چۈنكى نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. چۈنكى ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن؛ ئەكسىچە، نەپرەتلىنىدىغىنىمنى قىلىمەن.

Read رىملىقلارغا 7رىملىقلارغا 7
Compare رىملىقلارغا 7:9-15رىملىقلارغا 7:9-15