Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 12

رىملىقلارغا 12:2-8

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2بۇ دۇنيانىڭ قېلىپىغا كىرىپ قالماڭلار، بەلكى ئوي‫‪‎-‎‬‬پىكرىڭلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن ئۆزگەرتىلىڭلار؛ ئۇنداق قىلغاندا خۇدانىڭ ياخشى، قوبۇل قىلارلىق ۋە مۇكەممەل ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىلەلەيسىلەر.  
3ماڭا ئاتا قىلىنغان شاپائەتكە ئاساسەن ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلار توغرۇلۇق ئۆزەڭلاردا بار بولغىنىدىن ئارتۇق ئويلىماي، بەلكى خۇدا ھەربىرىڭلارغا تەقسىم قىلغان ئىشەنچنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن سالماقلىق بىلەن ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار.
4چۈنكى تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بولغاندەك،
5بىزمۇ كۆپ بولغىنىمىز بىلەن مەسىھتە بىر تەن بولۇپ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە باغلىنىشلىق ئەزا بولىمىز.
6شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئاتا قىلىنغان مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت بويىچە، ھەرخىل روھىي ئىلتىپاتلىرىمىزمۇ بار بولدى. بىرسىگە ئاتا قىلىنغان ئىلتىپات ۋەھىينى يەتكۈزۈش بولسا، ئىشەنچىسىنىڭ دائىرىسىدە ۋەھىينى يەتكۈزسۇن؛
7باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بولسا، خىزمەت قىلسۇن؛ تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بەرسۇن؛
8رىغبەتلەندۇرۇش بولسا، رىغبەتلەندۇرسۇن؛ سەدىقە بېرىش بولسا، مەردلىك بىلەن سەدىقە بەرسۇن؛ يېتەكلەش بولسا، ئەستايىدىللىق بىلەن يېتەكلىسۇن؛ خەيرخاھلىق كۆرسىتىش بولسا، خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن قىلسۇن.

Read رىملىقلارغا 12رىملىقلارغا 12
Compare رىملىقلارغا 12:2-8رىملىقلارغا 12:2-8