Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - رىملىقلارغا - رىملىقلارغا 11

رىملىقلارغا 11:14-29

Help us?
Click on verse(s) to share them!
14جانجىگەرلىرىم بولغانلارنىڭ ھەسىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتۇلدۇرارمەنمىكىن دېگەن ئۈمىدتە بولىمەن.
15چۈنكى ئۇلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى دۇنيادىكى ئەللەرنى خۇدا بىلەن ئىناقلاشتۇرۇش بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولماي نېمە؟
16ھوسۇلدىن تۇنجى بولۇپ چىققان خېمىردىن بىر كاللىكى مۇقەددەس ھېسابلانسا، پۈتۈن خېمىر مۇقەددەس دەپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.   
17زەيتۇن دەرىخىنىڭ بىرنەچچە شېخى دەرۋەقە سۇندۇرىۋېتىلگەنىدى، ۋە سەن ياۋا زەيتۇن كۆچىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۇلاندىڭ. مانا ئەمدى دەرەخ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، مول شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولغۇچى بولغانىكەنسەن،.
18ئەمدى سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلاردىن ئۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلىپ ماختانما. ماختانساڭ، شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، سەن يىلتىزنى ئەمەس، يىلتىز سېنى كۆتۈرۈپ قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ.
19سەن ئەمدى‫‪:‬‬ «شاخلار مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن سۇندۇرىۋېتىلدى» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.
20توغرا، ئۇلار ئېتىقادسىزلىقتىن سۇندۇرۇلدى؛ سەن بولساڭ، ئېتىقادىڭ بىلەن تىك تۇرىسەن؛ بىراق ئۇنىڭدىن مەغرۇرلانما، ئەكسىچە خۇدادىن قورق!
21چۈنكى خۇدا ئەينى ۋاقتىدا بۇ دەرەخنىڭ ئۆز شاخلىرىنى ئايىمىغانىكەن، سېنىمۇ ئايىماسلىقى مۇمكىن.
22مانا، بۇ ئىشلاردا خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا ھەمدە قاتتىق قول ئىكەنلىكىگە قارا. ئۇ ئۆز يولىدىن يىقىلىپ چۈشكەنلەرگە قاتتىق قول ئىدى، لېكىن ساڭا (مېھرىبانلىقىدا داۋاملىق تۇرساڭلا) مېھرىبانلىق كۆرسەتمەكتە. ئۇنداق بولمىغاندا، سەنمۇ كېسىپ تاشلىنىسەن.
23يەھۇدىيلارمۇ ئېتىقادسىزلىقتا چىڭ تۇرىۋالمىسا، ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر.
24چۈنكى ئەگەر سەن ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا باغدىكى ياخشى زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى بۇ تەبىئىي شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىكە ئۇلىنىشى تېخىمۇ مۇمكىنغۇ؟!
25قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق چاغلاشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ۋەھىي قىلىنغان شۇ سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەنكى، تا خۇدا تاللىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە، ئىسرائىلنىڭ بىر قىسمى تاش يۈرەكلىككە قالدۇرۇلىدۇ؛   
26ئاندىن پۈتكۈل ئىسرائىل قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان‫‪:‬‬ ــ «قۇتقۇزغۇچى زىئوندىن كېلىپ، ئىپلاسلىقنى ياقۇپتىن يوق قىلىدۇ.  
27مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئېلىپ تاشلىۋەتكىنىمدە، مانا بۇ ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم بولىدۇ».  
28ئەمدى خۇش خەۋەر جەھەتتىن قارىغاندا، سىلەرنىڭ بەختىڭلار ئۈچۈن يەھۇدىي خەلقى خۇش خەۋەرگە دۈشمەن قىلىپ بېكىتىلگەن؛ بىراق خۇدانىڭ تاللىشى جەھەتتىن قارىغاندا، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز سەۋەبىدىن سۆيۈلگەندۇر.
29چۈنكى خۇدا ئۆزى بەرگەنلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ.

Read رىملىقلارغا 11رىملىقلارغا 11
Compare رىملىقلارغا 11:14-29رىملىقلارغا 11:14-29