Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:9-39

Help us?
Click on verse(s) to share them!
9ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.
10دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى‫‪:‬‬ ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
11رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
12ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13ئانانىياس‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان‫‪‎-‎‬‬زەخمەت يەتكۈزگەن!   
14ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى.
15لېكىن رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر.   
16چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
17بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى،
18سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
19ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى.
20سائۇل دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى.
21ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
22لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.
23كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى.
24لېكىن سائۇل ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىدىن خەۋەر تاپتى؛ ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز شەھەرنىڭ قوۋۇقلىرىدا پايلاپ يۈردى.
25لېكىن مۇخلىسلار بىر كۈنى كېچىدە ئۇنى چوڭ سېۋەتكە ئولتۇرغۇزۇپ، سېپىل كامارىدىن چۈشۈردى.  
26سائۇل يېرۇسالېمغا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇخلىسلارغا قوشۇلماقچى بولدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىس ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي، ئۇنىڭدىن قورقتى.
27بىراق بارناباس ئۇنى ئېلىپ بېرىپ، روسۇللار بىلەن كۆرۈشتۈردى. ئۇ ئۇلارغا سائۇلنىڭ دەمەشقنىڭ يولىدا رەبنى قانداق كۆرگەنلىكىنى، رەبنىڭمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇنىڭ دەمەشقتە ئەيسانىڭ نامىدا قانداق جۈرئەتلىك بىلەن سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام يەتكۈزگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
28بۇنىڭ بىلەن، سائۇل يېرۇسالېمدا روسۇللار بىلەن بىللە ئوچۇق‫‪‎-‎‬‬ئاشكارە يۈرۈپ، يۈرەكلىك ھالدا رەبنىڭ نامىدا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام يەتكۈزەتتى.
29ئۇ يەنە گرېكچە سۆزلىشىدىغان يەھۇدىيلار بىلەنمۇ سۆزلىشىپ مۇنازىرىلىشەتتى؛ نەتىجىسى، ئۇلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى بولدى.
30قېرىنداشلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى قەيسەرىيە شەھىرىگە ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن ئۇ يەردىن تارسۇس دېگەن شەھەرگە يولغا سالدى.
31ئۇ چاغدا، پۈتكۈل يەھۇدىيە، گالىلىيە ۋە سامارىيەدىكى جامائەتلەر بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشىپ، ئېتىقادتا قۇرۇلدى؛ رەبنىڭ قورقۇنچىدا مېڭىپ، مۇقەددەس روھنىڭ رىغبەت‫‪‎-‎‬‬تەسەللىسى بىلەن ئۇلارنىڭ سانلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىدى.
32شۇ ۋاقىتلاردا شۇنداق بولدىكى، پېترۇس ھەرقايسى جايلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە، لىددا شەھىرىدىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىمۇ يوقلاشقا چۈشتى.
33ئۇ يەردە ئۇ ئەنېياس ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۇچراتتى. بۇ ئادەم پالەچ بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ ياتقىلى سەككىز يىل بولغانىكەن.
34پېترۇس ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ ئەنېياس، ئەيسا، يەنى مەسىھ بولغۇچى سېنى ساقايتىدۇ. ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پالىسىڭنى يىغىشتۇر! ــ دېدى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى.
35ئەنېياسنى كۆرگەن لىددا شەھىرىدىكى ۋە شارون رايونىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى توۋا قىلىپ رەبگە باغلاندى.
36يوپپا شەھىرىدە بولسا تابىتا ئىسىملىك بىر ئايال مۇخلىس بار ئىدى (ئۇنىڭ ئىسمى گرېكچىدە «دوركاس» ئىدى). ئۇ ھەردائىم ياخشى ئەمەللەر ۋە خەير‫‪‎-‎‬‬ساخاۋەتلىك ئىشلارغا بېرىلەتتى.
37شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ كېسەل بولۇپ، ئۆلۈپ كەتتى. كىشىلەر جەسەتنى يۇيۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر ئۆيگە ياتقۇزۇپ قويدى.
38يوپپا شەھىرى لىددا شەھىرىگە يېقىن بولغاچقا، يوپپادىكى مۇخلىسلار پېترۇسنىڭ لىددادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئىككى ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار‫‪:‬‬ «ھايال بولماي يېنىمىزغا كەلسەڭ!» ــ دەپ يېلىندى.
39پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلار بىلەن بىللە يوپپاغا باردى. يوپپاغا يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئۆيگە باشلاپ چىقتى. بارلىق تۇل ئاياللار پېترۇسنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، يىغا‫‪‎-‎‬‬زار قىلىشىپ ئۇنىڭغا دوركاسنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىدا ئۆزلىرىگە تىكىپ بەرگەن كۆڭلەك‫‪‎-‎‬‬كىيىملىرىنى كۆرسىتىشتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:9-39روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:9-39