Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:5-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5ــ ئى رەب، سەن كىمسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. ئاۋاز‫‪:‬‬ ــ مەن سەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئەيسادۇرمەن.
6ئورنۇڭدىن تۇر، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكى ساڭا ئېيتىپ بېرىلىدۇ» ــ دېدى.
7ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭغان ئادەملەر ئاۋازنى ئاڭلىسىمۇ، ھېچكىمنى كۆرەلمىگەچكە، شۇ يەردە ئۈن چىقىرالماي تۇرۇپلا قالدى.
8سائۇل يەردىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنى قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.
9ئۇ ئۈچ كۈنگىچە كۆزى كۆرمەس بولۇپ نە يېمىدى نە ئىچمىدى.
10دەمەشقتە ئانانىياس ئىسىملىك مەلۇم بىر مۇخلىس بار ئىدى. رەب ئۇنىڭغا بىر غايىبانە كۆرۈنۈشتە كۆرۈنۈپ ئۇنى‫‪:‬‬ ــ ئانانىياس! ــ دەپ چاقىردى. ــ مانا مەن، ئى رەب، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.
11رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
12ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13ئانانىياس‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان‫‪‎-‎‬‬زەخمەت يەتكۈزگەن!   

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:5-13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:5-13