18لېكىن سىمون مۇقەددەس روھنىڭ روسۇللارنىڭ قولىنى تەگكۈزۈپ قويۇشى بىلەن ئاتا قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا پۇل تەڭلەپ:
19ــ بۇ كۈچ-قۇدرەتتىن ماڭىمۇ بېرىڭلاركى، مەنمۇ ھەركىمنىڭ ئۈستىگە قوللىرىمنى تەگكۈزسەم، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىنسۇن، ــ دېدى.
20لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ خۇدانىڭ بۇ ئىلتىپاتىنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلىغىنىڭ ئۈچۈن، پۇلۇڭ سەن بىلەن تەڭ ھالاكەتكە بارسۇن!
21سېنىڭ بۇ ئىشتا ھېچ ھەسسەڭ ياكى نېسىۋەڭ يوقتۇر! چۈنكى سېنىڭ نىيىتىڭ خۇدا ئالدىدا دۇرۇس ئەمەس!
22شۇڭا، بۇ رەزىللىكىڭدىن توۋا قىلىپ، رەبتىن، مۇمكىن بولسا كۆڭلۈمدىكى بۇ نىيىتىم كەچۈرۈم قىلىنغاي، دەپ ئۆتۈن!
23چۈنكى سېنىڭ ئاچچىق ھەسەتكە تولۇپ، ھەققانىيسىزلىقنىڭ ئاسارىتىدا ئىكەنلىكىڭ ماڭا مەلۇم.