Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:4-55

Help us?
Click on verse(s) to share them!
4بۇنىڭ بىلەن ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ، ھاران شەھىرىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى. ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى بۇ زېمىنغا، يەنى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان زېمىنغا يۆتكەپ كەلدى.
5ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ زېمىندىن مىراس بەرمىدى، ھەتتا ئۇنىڭقا تەۋە پۇت قويغۇدەكمۇ بىر يەر بەرمىگەنىدى. گەرچە ئۇ تېخىچە پەرزەنت كۆرمىگەن بولسىمۇ، خۇدا بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئىگىلىكى بولۇش ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
6ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ «سېنىڭ نەسىللىرىڭ ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرىدۇ، شۇ يۇرتتىكىلەر ئۇلارنى قۇل قىلىپ تۆت يۈز يىل خورلايدۇ.
7بىراق ئۇلارنى قۇللۇققا سالغان ئەلنى جازالايمەن»، دېدى خۇدا، «ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، نەسىللىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە مېنىڭ ئىبادەت‫‪‎-‎‬‬خىزمىتىمدە بولىدۇ».  
8كېيىن خۇدا ئىبراھىم بىلەن بەلگىسى خەتنە بولغان ئەھدىنى تۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇنىڭدىن تۆرەلدى؛ ئىبراھىم ئۇنى سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلدى؛ شۇنداق قىلىپ ئىسھاقتىن ياقۇپ تۆرەلدى، ياقۇپتىن ئون ئىككى «قەبىلە ئاتىسى» تۆرەلدى.  
9كېيىن، «قەبىلە ئاتىلىرى» ئىنىسى يۈسۈپكە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا قۇللۇققا سېتىۋەتتى. لېكىن خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇپ،   
10ئۇنى بارلىق جەبىر‫‪‎-‎‬‬جاپالاردىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنى مىسىر پادىشاھى پىرەۋننىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلدى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر، ئوردىسىغا باش غوجىدار قىلدى.
11كېيىن، ئېغىر ئاچارچىلىق پۈتكۈل مىسىر ۋە قانائان يەرلىرىنى بېسىپ، زور قىيىنچىلىق بولدى. ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ئوزۇق‫‪‎-‎‬‬تۈلۈك تاپالمىدى.
12ياقۇپ ئەمدى مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلىغان بولۇپ، ئوغۇللىرىنى، يەنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى ئۇ يەرگە بىرىنچى قېتىم ئەۋەتتى.   
13ئىككىنچى قېتىم بارغاندا، يۈسۈپ ئاكىلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ جەمەتىدىكىلەر پىرەۋن پادىشاھغا مەلۇم بولدى.   
14ئاندىن يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇنى پۈتۈن ئائىلە‫‪‎-‎‬‬جەمەتى بىلەن، جەمئىي يەتمىش بەش كىشىنى مىسىرغا ئۆزىگە چاقىردى.
15شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ مىسىرغا چۈشتى ۋە شۇ يەردە ئۆلدى؛ كېيىن ئۇنىڭدىن بولغان ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزمۇ شۇ يەردە ئۆلدى.
16ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى كېيىن شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئىبراھىم بۇرۇن ھامورنىڭ ئوغۇللىرىدىن مەلۇم پۇلغا سېتىۋالغان، شەكەمدىكى بىر يەرلىككە قويۇلدى.  
17لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا ئەسلى قىلغان ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا، مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىل خەلقىنىڭ نوپۇسى خېلى كۆپەيگەنىدى.   
18ئۇ ۋاقىتتا، يۈسۈپتىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى.
19بۇ پادىشاھ قوۋمىمىزغا ھىيلە‫‪‎-‎‬‬مىكىرلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزنى ئېزىپ خورلىدى، ھەتتا ئۇلارنى ئۆز بوۋاقلىرىنى ھايات قالدۇرماسلىقى ئۈچۈن تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر قىلدى.
20مۇسا مانا شۇ چاغلاردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئالاھىدە يېقىملىق بالا بولۇپ، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئۈچ ئاي بېقىلدى.   
21كېيىن ئۇ سىرتقا قويۇپ قويۇلغاندا، پىرەۋننىڭ قىزى ئۇنى سۇدىن ئېلىپ، ئۆز ئوغلى قىلىپ چوڭ قىلدى.
22مۇسا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق بىلىم‫‪‎-‎‬‬ھېكمىتى بىلەن تەربىيىلىنىپ، سۆزدە ۋە ئەمەلدە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك ئادەم بولۇپ چىقتى.
23لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا قىرىق يىل توشقاندا، ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارنىڭ ھالىغا يېتىش نىيىتىگە كەلدى.   
24ئۇ ئۇلاردىن بىرىنىڭ ئۇۋال قىلىنىپ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قوغداپ، خارلانغان كىشى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ خارلىغۇچى مىسىرلىقنى ئۆلتۈردى.
25چۈنكى ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى‫‪:‬‬ ــ خۇدا مېنىڭ قولۇم ئارقىلىق بىزگە قۇتقۇزۇش يولىنى ئاچقان دەپ چۈشىنىدىغۇ، دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇلار بۇنى چۈشەنمىدى.
26ئەتىسى، مۇسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئۇرۇش‫‪‎-‎‬‬جېدەلنى كۆرۈپ، ئارىسىغا كىرىپ ياراشتۇرماقچى بولۇپ‫‪:‬‬ سىلەر قېرىنداش تۇرۇپ، نېمىشقا بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارغا يولسىزلىق قىلىۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى.
27بىراق قېرىندىشىنى يولسىز بوزەك قىلغان كىشى ئۇنى چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ‫‪:‬‬ ــ كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ؟!
28مېنىمۇ تۈنۈگۈنكى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دېدى.
29مۇسا بۇ سۆزنى ئاڭلاپ قورقۇپ، مىسىردىن قېچىپ مىدىيان زېمىنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ شۇ يەردە ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.
30قىرىق يىل توشقاندىن كېيىن، سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە، كۆيۈۋاتقان بىر چاتقاللىقنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈندى.
31بۇ غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆرگەن مۇسا ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قالدى؛ بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەي دەپ يېقىنراق بارغاندا پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ‫‪:‬‬
32«مەن سېنىڭ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن» دېدى. مۇسا قورقۇنچتا تىترەپ، قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى.
33پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە‫‪:‬‬ ــ ئايىغىڭنى سېلىۋەت؛ چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر.
34مەن دەرھەقىقەت مىسىردا تۇرۇۋاتقان خەلقىمنىڭ خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ نالە‫‪‎-‎‬‬پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. شۇڭا مەن ئۇلارنى ئېلىپ چىققىلى چۈشتۈم. ئەمدى بارغىن، مەن سېنى مىسىرغا ئەۋەتەي!» دېدى.
35مانا ھېلىقى كىشىلەر‫‪:‬‬ «كىم سېنى بىزگە باش ھەم سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغان دەل مۇشۇ مۇسانى، خۇدا ئۇنىڭغا چاتقاللىقتا كۆرۈنگەن پەرىشتىنىڭ قولى بىلەن ئىسرائىللارغا ھەم باش ھەم قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى.
36ئەنە شۇ مۇسا خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى مىسىردىن چىقاردى ھەمدە مىسىر زېمىنىدا، قىزىل دېڭىزنىڭ بويىدا ۋە قىرىق يىلنى ئۆتكۈزگەن چۆلدە كارامەتلەرنى ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى.   
37ئەنە شۇ مۇسا ئۆزى ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «خۇدا قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.   
38چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندىكى جامائەتكە ھەمراھ بولغان، سىناي تېغىدا ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرىشتە بىلەن بىللە بولغان، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز بىلەن بىللە بولغان ھەمراھ دەل ئەنە شۇ ئىدى؛ ھاياتلىق بەخش يەتكۈزىدىغان ۋەھىيلەرنى بىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن قوبۇل قىلغۇچى بولغان دەل ئەنە شۇ ئىدى؛
39شۇنداق بولسىمۇ، ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى خالىماي، ئۇنى چەتكە قېقىپ، كۆڭلىدە مىسىرغا قايتىشنى ئارزۇ قىلدى؛
40شۇڭا ئۇلار ھارۇنغا‫‪:‬‬ ــ «بىزگە يول باشلايدىغان ئىلاھلارنى ياساپ بەرگىن! چۈنكى بىزنى مىسىر زېمىنىدىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى.   
41شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنلەردە ئۇلار موزاي شەكلىدە بىر بۇت ياساپ، بۇ مەبۇدقا ئاتاپ قۇربانلىق سۇندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بىر نەرسىنى خۇشال‫‪‎-‎‬‬خۇراملىق بىلەن تەبرىكلەشكە كىرىشتى.
42لېكىن خۇدا ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈپ، ئۇلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇز قوشۇنلىرىغا چوقۇنۇشقا قويۇپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇقەددەس يازمىسىدا پۈتۈلگەدەك، خۇدا ئۇلارنى مۇنداق ئەيىبلىدى‫‪:‬‬ ــ «سىلەر چۆل‫‪‎-‎‬‬باياۋاندا بولغان قىرىق يىل جەريانىدا قىلغان قۇربانلىق‫‪‎-‎‬‬ھەدىيەلەرنى ھەقىقەتەن ماڭا ئېلىپ كەلگەنمۇسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى؟
43بەرھەق، سىلەر چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسىغان مەبۇدلار، يەنى «مولوق»نىڭ چېدىرى ھەم بۇتۇڭ بولغان «رەمفان»نىڭ يۇلتۇز بەلگىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭلار؛ ئەمدى مەن سىلەرنى ئەسىر قىلىپ بابىلدىن يىراققا سۈرگۈن قىلدۇرىمەن».  
44ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز چۆلدىن كەزگەن ۋاقتىدا، «ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھلىق» چېدىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تىكلەنگەنىدى؛ ئۇ دەل مۇساغا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام يەتكۈزگۈچىنىڭ بۇيرۇغىنىدەك، كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك بويىچە ياسالغانىدى.   
45شۇ ئىبادەت چېدىرىنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىز ئىلگىرىدىكىلەردىنمۇ ئىگىدارچىلىقىغا تاپۇشۇپ، يەشۇئانىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا قوغلىغان ئەللەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغىنىدا، ئۇنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن؛ ئۇ شۇنداقلا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە تۇرغان.   
46داۋۇت خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئېرىشىپ، ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۈچۈن بىر مۇقىم ماكان سېلىشقا ئىجازەت سورىغان.   
47بىراق كېيىن، خۇدا ئۈچۈن ئىبادەتخانا سالغان داۋۇت ئەمەس، ئەمەلىيەتتە سۇلايمان بولدى.   
48ھالبۇكى، ئەڭ ئالىي بولغۇچى ئىنساننىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان ماكانلاردا تۇرمايدۇ؛ خۇددى پەيغەمبەر مۇنداق دېگىنىدەك‫‪:‬‬ ــ
49«ئاسمانلار مېنىڭ تەختىم، زېمىن بولسا ئاياغلىرىمغا تەختىپەردۇر، ئەمدى ماڭا قانداق ئۆي‫‪‎-‎‬‬ئىمارەت ياسىماقچىسىلەر؟ ماڭا قانداق يەر ئارامگاھ بولالايدۇ؟
50بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قولۇم ياراتقان ئەمەسمىدى؟»  
51ــ ئەي، بوينى قاتتىق، يۈرىكى ۋە قۇلىقى خەتنىسىز بولغانلار! سىلەر مۇقەددەس روھ بىلەن دائىم قارشىلىشىسىلەر؛ سىلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار نېمە قىلغان بولسا، شۇنى ئوخشاش قىلىۋاتىسىلەر!
52پەيغەمبەرلەردىن زادى قايسىسىغا ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار زىيانكەشلىك قىلىپ باقمىغان؟ شۇنداق قىلىپ ئۇلار «ھەققانىي بولغۇچى»نىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن جاكارلىغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكەن. ئەمدى ئۇ ئۆزى ھازىر كەلگەندە، سىلەر ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ۋە قاتىل بولۇپ چىقتىڭلار،
53ئى سىلەر تەۋرات قانۇنىنى پەرىشتىلەرنىڭ ئەمرى‫‪‎-‎‬‬تاپىلىغانلىرى بىلەن تاپشۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغۇچىلار!»
54ئىستىپاننىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولۇپ، ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى.
55لېكىن ئۇ بولسا مۇقەددەس روھقا تولغان، كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ جۇلاسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ئەيسانىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:4-55روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 7:4-55